تارىختىكى بۈگۈن: 26.01.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 26 - يانۋار.
*** ****
1699 – يىلى 26 - يانۋاردا ئوسمانلى دۆلىتى ئاۋستېرىيە، ۋېنېدىك ۋە لىتۋانىيە بىلەن «كارلوفچا» تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى. كارلوفچا كېلىشىمى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربتە ئەڭ كۆپ زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان كېلىشىم ئىدى. كارلوفچا كېلىشىمىدىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان جايلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.
1911 – يىلى 26 – يانۋاردا ئۇچقۇچى گلېن كۇرتىس تۇنجى دېڭىز ئايروپىلانىنى ئۇچۇرغان ئىدى. بۇ ئۇتۇق دېڭىز ئايروپىلانلىرى ساھەسىدىكى تەرەققىياتلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.
1926 – يىلى 26 – يانۋاردا تېلېزىۋىزور ئىجاد قىلىندى. تېلېزىۋىزور 1923 – يىلىدا جون لوگې بايرىد تەرىپىدىن ئەنگلىيەنىڭ ھاستىڭ يېزىسىدا ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، تۇنجى تېلېۋىزورنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىمۇ يەنە، بايرىد تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن ئىدى. 1930 – يىلىنىڭ باشلىرىدا تېلېۋىزور ئېلېكتىرونلۇق بويۇم سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە سېتىلشقا باشلىدى. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېت ۋە كومپىيۇتېر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىسىمۇ، بىز يەنىلا تېلېۋىزورنى 20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجادىيىتى دېيەلەيمىز.
1950 – يىلى 26 – يانۋاردا ھىندىستاندا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھىندىستان 1947 – يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1950 – يىلىدا تۇنجى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى قوبۇل قىلىندى. بۇ كۈن يەنى 1950 – يىلى 26 – يانۋار پۈتۈن ھىندىستان مىقياسىدا جۇمھۇرىيەت بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.
1948 يىلى – 26 – يانۋاردا ئەسكەر، مىللىي مۇجادىلە قەھرىمانى ۋە سىياسىي ئەرباب مۇسا كازىم كارابەكىر ۋاپات بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...