چېمپىيون مەتە گازوز ئىستانبۇلدا گۈل - چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىندى

دۇنيا ئوقيا ئېتىش چېمپىيونى مەتە گازوز ئىستانبۇلدا گۈل - چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىندى.

2021443
چېمپىيون مەتە گازوز ئىستانبۇلدا گۈل - چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئوقيا ئېتىش بويىچە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر كىلاسسىك ئوقيا ئېتىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن مەتە گازوز ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى تۈرك ئوقيا ئېتىش ماھىرى مەتە گازوز دۆلەتلىك ئايرودۇرۇملار ئىدارىسى ۋە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇش ئورگىنى خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا گۈل -چېچەكلەر بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلىك تەنھەرىكەت ماھىرى ئۈچۈن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «مۇبارەك بولسۇن، پەخىرلەنمەكتىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پانكارتلارنى ئاچتى.

مەتە گازوز تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ: «مەن ئىنتايىن خۇشال. لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى، بىز ئىككى كۈن ئىلگىرى كوماندا سۈپىتىدە دۇنيا ئىككىنچىسى بولدۇق. 2024- يىلى كوماندا بويىچە پارىژغا بارىمىز. بىز ناھايىتى ياخشى بىر ھەپتىنى باشتىن كەچۈردۇق، ھەممە ئىش بىز ئويلىغاندەك بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ كېيىنكى نىشانىمىز 2024 – يىلى پارىژدا ھەم كوماندا، ھەم شەخس سۈپىتىدە چېمپىيون بولۇش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر