مېسسى كېلەر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

لىئونېل مېسسى: «مەن 2026- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايمەن» دېدى.

1999284
مېسسى كېلەر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىلىرىدىن ئىنتېر مىئامى بىلەن توختام ئىمزالىغان ئارگېنتىنالىق چولپان پۇتبولچى لىئونېل مېسسى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

35 ياشلىق تەجرىبىلىك پۇتبولچى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز غەلىبە قىلغان مۇسابىقە مەن ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى. 2026 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە پۇتبولچى ئەمەس، تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتنىشىشنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر