مەرىھ دەمىرالنىڭ ئىئانە توپلاش پائالىيىتى سۈرئەت بىلەن زورايماقتا

ئىتالىيەدە يەر تەۋەرشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە باشلامچىلىق قىلغان مەرىھ دەمىرال تۈركىيەنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلاندى.

1946019
مەرىھ دەمىرالنىڭ ئىئانە توپلاش پائالىيىتى سۈرئەت بىلەن زورايماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتلانتا كوماندىسىنىڭ تۈرك ماھىرى مەرىھ دەمىرالنىڭ ئاپەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىئانە توپلاش سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا يىغىلغان پۇلنىڭ مىقدارى 8 مىليون لىراغا يېقىنلاشتى.

مەرىھ دەمىرال تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قويۇلغان كارىم بېنزېما ۋە خاررىي كېينىنىڭ فورمىلىرىنىڭ 1 مىليون 250 مىڭ لىراغا سېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىللىي پۇتبول ماھىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدىن لىئونېل مېسسى ۋە كېليان مىباپپې، مانچېستېر سىتى كوماندىسىدىن ئېرلىڭ خالاند، ئەلناسىر كوماندىسىدىن كىرىستىيانو رونالدو، رىم كوماندىسىدىن پاۋلو دىبالا، ئاتلېتكو مادرىد كوماندىسىدىن ئانتويېن گىرىزمان قاتارلىق داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ ئىمزالىق فورملىرىنىڭ كىرىمى، يەر تەۋرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىئانە قىلىنىش مەقسىتىدە كىمئارتۇق قىلىپ بازارغا سېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر