مالاتيا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاچىسى يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولدى

قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مالاتيادا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خارابىىكى ئاستىدا قالغان سپور توتو 1-دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى مالاتياسپورنىڭ ۋاراتاچىسى ئەھمەت ئەيۈپ تۈركئاسلاننىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1943504
مالاتيا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاچىسى يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېڭى مالاتياسپور كوماندىسىنىڭ 28 ياشلىق ۋاراتاچىسى ئەھمەت ئەيۈپ تۈركئاسلان تۈركىيەنىڭ يۈرىكىنى داغلىغان يەر تەۋەرشتە خارابىلىك ئاستىدا قالدى.

مالاتياسپورنىڭ ھەۋەسكارلىرى ۋە ئەھمەت ئەيۈپ تۈركئاسلان ئائىلىسىنڭ ئۈمىد بىلەن كۈتۈشى تەقدىرگە ئايلاندى. يەر تەۋرەشنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئەھمەت ئەيۈپ تۈركئاسلاننىڭ جەسىتى خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىلدى.

مالاتياسپورنىڭ تېخنىكا دىرېكتورى يىلماز ۋۇرال تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، مۇسىبەتلىك خەۋەرنى يەتكۈزدى.

ئۇ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، ماھىرىمىز ئەھمەت ئەيۈپ تۈركئاسلان ۋاپات بولدى» دېدى.

ئەھمەت ئەيۈپ تۈركئاسلان گازىئانتەپتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ گازىئانتەپ «A2» پۇتبول كوماندىسى، بۇگساس سپور، ئوسمانلىسپور ۋە ئۈمرانىيەسپور كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر