ماراكەشلىكلەر مىللىي كوماندىسىنى قىزغىن تەنتەنە ئىچىدە كۈتۈۋالدى

ماراكەشلىكلەر، تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 4-لىككە ئېرىشكەن مىللىي كوماندىسىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

1921524
ماراكەشلىكلەر مىللىي كوماندىسىنى قىزغىن تەنتەنە ئىچىدە كۈتۈۋالدى
fas rabat 3.jpg
fas rabat 4
fas rabat 2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت راباتتا ماراكەش مىللىي كوماندىسى فورمىسىنى كىيىپ، ماراكەش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان مىڭلارچە ماراكەشلىك، 5-مۇھەممەد ۋە 2-ھەسەن كوچىلىرىغا چىقىپ، قاتاردىن قايتىپ كەلگەن ماراكەش مىللىي كوماندىسىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.

يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ، ماھارىتىنى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلغان بولۇشىغا قارىماي، 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان ماراكەش مىللىي كوماندىسى، ئۈچىنچىلىك مۇسابىقىسىدە كىرودىيە كوماندىسىغا 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قېلىپ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقسىىدە تۆتىنچى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر