كىرودىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئۆرلىدى
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىرازىلىيە-كىرودىيە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بىرازىلىيە كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى كىرودىيە-بىرازىلىيە يېرىم ھەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پۇتبول دۇنياسىنى ھاياجانغا سالدى.
دەسلەپكى 90 مىنۇتلۇق ۋە مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندىنىڭ توپ كىرگۈزەلمەسلىكى بىلەن 0-0 ئاخىرلاشتى.
ئارقىدىن ئۇزارتىپ بېرىلگەن بىرىنچى مەيدان رىقابىتىدە، يەنى 105-مىنۇتتا بىرازىلىيە كوماندىسى كىرودىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 1-0 بولدى.
ئۇزارتىپ بېرىلگەن ئىككىنچى مەيدان ئېلىشىشتا، يەنى 117-مىنۇتتا كىرودىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى ۋە نەتىجە 1-1 تەڭلىشىپ قالدى.
بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى بولغان 11 قەدەمدىن تېپىشتا، كىرودىيە كوماندىسى بىرىنچى توپنى كىرگۈزدى. ئەپسۇسكى بىرازىلىيە بىرىنچى تېپىشتا پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى.
كىرودىيە كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، ئەمما بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئارخىرقى تېپىشتا يەنە بىر توپنى قاچۇرۇپ قويۇشى بىلەن نەتىجە 4-2 بولدى ۋە كىرودىيە كوماندىسى 11 قەدەمدىن تېپىشتا 2 توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە چۈشۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.