قاتاردا تۈنۈگۈن مەيدانغا چۈشكەن كوماندىلار ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى
قاتاردا داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۈنۈگۈن تۆت مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلار ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلرىى تۆۋەندىكىچە:
ئىران: 2 گاللېر: 0
ئىران 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە گاللېر كوماندىسىنى 0 قارشى 2 توپ بىلەن يېڭىپ، نومۇرىنى 3 كە يەتكۈزدى. مۇسابىقىدە يېڭلىپ قالغان گاللېر 1 نومۇرغا ئېرىشتى.
سېنېگال: 3 قاتار: 1
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن سېنېگال كوماندىسى نومۇرىنى 3 كە يەتكۈزدى. قاتار بولسا، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە نومۇر ئالالمىدى. 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قاتار، تۇنجى بولۇپ مۇسابىقە بىلەن ۋىدالاشقان كوماندا بولدى.
گوللاندىيە: 1 ئېكۋادور: 1
گۇرۇپپىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىن غەلىبە بىلەن ئايرىلغان ئىككى كوماندا 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن باراۋەرلىكنى ساقلاپ، نومۇرلىرىنى 4 كە يەتكۈزدى.
ئەنگلىيە: 0 ئامېرىكا: 0
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە كوماندىلىرى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ب گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىسىدە بىر – بىرلىرىنىڭ ۋارتالىرىغا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئامېرىكا كوماندىسى نومۇرىنى 2 گە، ئەنگلىيە كوماندىسى 4 كە يەتكۈزدى.