جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇرۇگۋاي تەڭلىشىپ قالدى

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ H گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي كورېيە-ئۇرۇگۋاي مۇسابىقىسى 0-0 ئاخىرلاشتى. G گۇرۇپپىسىدا شىۋېيتسارىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن كامېرون كوماندىسىنى يەڭدى.

1910768
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇرۇگۋاي تەڭلىشىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا لوڭقىسىنىڭ H گۇرۇپپىسىدىكى جەنۇبىي كورېيە-ئۇرۇگۋاي مۇسابىقىسى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى 34-مىنۇتتا ئىككى قېتىم قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

ئۇرۇگۋاي كوماندىسى دەسلەپكى 15 مىنۇتتىن كېيىن، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.

ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 1930- ۋە 1950-يىلى ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولغان ئىدى. جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى 1986-يىلدىن تارتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي كەلدى. بۇ مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 3-قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

G گۇرۇپپىسىدا، شىۋېيتسارىيە كوماندىسى كامېرون كوماندىسىنى بىر توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر