تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بۈگۈن (7-ئۆكتەبىر) ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIVB) چېمپىيونلۇقىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ.

1889785
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى 4-ئۆكتەبىر (2022) پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن 2-ئايلانما Fگۇرۇپپىسىدا گېرمانىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، 0 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن غەلبە قىلدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى كانادا كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىمۇ، قارشى تەرەپكە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەستىن غەلبە قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بۈگۈن (7-ئۆكتەبىر) ئەنقەرە ۋاقتى 18.30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.30 دا ئامېرىكا ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە ت ر ت سپور قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلىرىنى 8-ئۆكتەبىر (2022) ئەنقەرە ۋاقتى18.30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.30 دا سېربىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابقىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر