4-قېتىملىق دۇنيا كۆچمەنلىك مۇسابىقىلىرى ئىزنىكتە باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىنسانىيەتنىڭ مىڭلارچە يىللىق تارىخىنى نامايان قىلىدىغان كۆچمەنلىك مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە رازى بولمايمىز» دېدى.

1886723
4-قېتىملىق دۇنيا كۆچمەنلىك مۇسابىقىلىرى ئىزنىكتە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىزنىكتە دۇنيا كۆچمەنلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ: «تۇنجى قېتىملىق ئەنئەنىۋى كۆچمەنلىك مۇسابىقىلىرى 2014-يىلى، 2016- ۋە 2018-يىللىرى قىرغىزىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلمىگەن مۇسابىقىلارنىڭ 4-قېتىملىقى، ھەر جايلىرىدىن تارىخ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت پۇراپ تۇرىدىغان ئىزنىكتە باشلاندى» دېدى.

ئۇ كۆچ مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا قەدىمكىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىنسانىيەت جەمئىيەتلىرى مىڭلارچە يىل بويىچە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن باشقا جايلارغا كۆچۈپ يېڭى ھايات يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئوخشاش ۋاقىتتا، مۇئەييەن بىر جايدا ئىزچىل ھالدا ياكى پەسىللەرگە قاراپ يەر ئالماشتۇرۇپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان جەمئىيەتلەرمۇ بار. بۇ ئۇزۇن سەپەرلەر جەريانىدا ئۆزئارا ئۇچراشقان ئىنسانىيەت جەمئىيەتلىرى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىرقى ۋاقىتتا، مېديا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى دۇنيانى كىچىك بىر يېزىغا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، كۆچ بۈگۈن كۈندە يەنىلا مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قوغدىغۇچىسى» دېدى.

ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مىڭلارچە يىللىق تارىخىنى نامايان قىلىدىغان كۆچمەنلىك مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە رازى بولمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېچىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ياكى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا پائالىيەتلەر كۆچ مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بىلەن ياشىتىلىشىدا، مۇھىم پايدىلىق رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز. كۆچمەنلىك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتقان بۇ پائالىيەتنى، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكىي مىراسىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر