تاھا ئاقگۈل دۇنيا چېمپىيونى بولدى
سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرى تاھا ئاقگۇل موڭغۇلىيە ماھىرى لاخاۋاگېرېل مۇنقتۇرنى يېڭىپ، دۇنيا چېمپىيونى بولدى.
1881133
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 7 – كۈنى، تۈركىيە ماھىرى تاھا ئاقگۈل، 125 كىلوگىراملىقلار بويىچە موڭغۇلىيە ماھىرى لاخاۋاگېرېل مۇنقتۇر بىلەن جەڭگە چۈشتى.
«<چولپان> تەنتەربىيە زالى>» دا ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە، رەقىبىنى 2 گە قارشى 6 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلغان تاھا ئاقگۈل، كەسپىي ھاياتىدا ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى.
تاھا ئاقگۈل، ئىلگىرى 2014 - ۋە 2015-يىللىرى دۇنيا چېمپىيونى بولغانىدى.
دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يەتتىنچى كۈنى ئاخىرلاشقاندا، تۈركىيە، 4 ئالتۇن، 3 مىس بولۇپ، جەمئىي 7 مېدالغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، سېربىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەتە ئاخىرلىشىدىكەن.