2022-يىللىق ياۋروپا ۋاسكېتبول لوڭقىسى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى 1-سېنتەبىر باشلىنىدىغان 2022-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1874031
2022-يىللىق ياۋروپا ۋاسكېتبول لوڭقىسى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىلىرىنى گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىستىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە زالىدا ئوينايدىغان بولۇپ، گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى مۇسابىقىسى ئەتە (1-سېنتەبىر) قاراتاغ كوماندىسى بىلەن بولىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 17.15، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20.15 تە باشلىنىدۇ.

ئەرگىن ئاتامان تىرېنېرلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە كوماندىسى، A گۇرۇپپىدا گىرۇزىيەنىڭ ئارقىسىدىن قاراتاغ، ئىسپانىيە، بۇلغارىيە ۋە بېلگىيە كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر