تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى 134 مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى دۇنيا، ياۋروپا چېمپىيونلۇقى،ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 134 مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

1871400
تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى 134 مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدىن باشقا، ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە رىقابەتلەشكەن تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى، چۈشكەن مۇسابىقىلەردە 31 ئالتۇن مېدال، 31 كۈمۈش مېدال ۋە 72 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جەمئىي 134 مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى ياۋرپا چېمپىيونلۇقىدا، بارلىق ياش كاتېگورىيەسى بويىچە (15، 17، 20 ۋە 23 ياشتىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى) ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، 20 ئالتۇن مېدال، 19 كۈمۈش مېدال ۋە 48 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جەمئىي 87 مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭلارنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا بولسا، 7 ئالتۇن مېدال، 3 كۈمۈش مېدال ۋە 7 مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ئاياللار چېلىشىش كوماندىسى ياۋروپا بىرىنچىسى، گىرېكچە ۋە ئەركىن چېلىشىش كوماندىلىرى ياۋروپا ئىككىنچىسى بولدى.

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 7 ئالتۇن مېدال، 5 كۈمۈش مېدال ۋە 2 مىس مېدالغا ئېرىشتى. كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە بولسا، 2 ئالتۇن مېدال، 5 كۈمۈش مېدال ۋە 12 مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ماھىرلىرى 17 ۋە 20 ياشتىن تۆۋەن دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا، 2 ئالتۇن، 2 كۈمۈش ۋە 10 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە چېلىشىش كوماندىسى 10-سېنتەبىردىن 18-سېنتەبىرگىچە (2022) سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭلارنىڭ دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كوماندىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر