ئەردوغان كونيادا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە زىياپەت بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 5-قېتىملىق ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كونياغا كەلگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

1865860
ئەردوغان كونيادا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە زىياپەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن كونياغا كەلگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.

زىياپەتكە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما، ئالجىرىيە باش مىنىستىرى ئەيمەن بىن ئابدۇرراھمان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەنتەربىيە مىنىستىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىقى تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى رەئىسى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن تۈركى ئال فايسال ئال سۇئۇد، قاتار ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى شەيخ جوئان بىن ھەمەد ئال سانى قاتارلىقلار قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىياپەت ئەسناسىدا ئەلىيېۋ، ئىشتىيە ۋە شاھزادە ئال فايسال بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر