تۆت دۆلەت 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئىلتىماس سۇندى

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) بىلەن 2030-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئۈچۈن ئارگېنتىنا، چىلى، ئۇرۇگۋاي ۋە پاراگۋاي ئىلتىماس سۇندى.

1863333
تۆت دۆلەت 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئىلتىماس سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرىنىڭ (CONMEBOL) باشلىقى ئالېجاندرو دومىنگۇئېز ئۇرۇگۋاي پايتەختى مونتېۋىدېئودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۆت دۆلەتنىڭ 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «قىتئەمىز ئۈچۈن بىر چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى خالايمىز. ئۇرۇگۋاي 1930-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىپ، چېمپىيون بولغان ئىدى. دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 100 يىللىقى، تارىخىدا بىر قېتىم كېلىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. شۇڭا، دۇنيا لوڭقىسى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېدى.

بۇ يىل (2022) دۇنيا لوڭقىسىغا قاتار، 2026-يىلى مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلىدۇ. 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەت ياكى دۆلەتلەر 2024-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيەمۇ 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر