پىنار ئاكيول چۆيۈن توپ ئېتىشتا تۈركىيە ئاتلىتكا تارىخىغا يېزىلدى

دۆلەتلىك تەنھەرىكەتچى پىنار ئاكيول دۇنيا 20 ياشتىن تۆۋەنلەر يىنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇقىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن تۇنجى تۈركىيە ماھىرى بولۇپ قالدى.

1863247
پىنار ئاكيول چۆيۈن توپ ئېتىشتا تۈركىيە ئاتلىتكا تارىخىغا يېزىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۆلەتلىك يىنىك ئاتلىتكا تەنھەرىكەتچىسى پىنار ئاكيول دۇنيا 20 ياشتىن تۆۋەنلەر يىنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇقىدا، ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى تۈركىيە يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى بولۇپ قالدى.

تۈركىيە يىنىك ئاتلىتكا فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، 18 ياشلىق پىنار ئاكيول ئۆتكەن يىلى (2021) نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇقتا چۆيۈن توپ ئېتىشتا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

ئۇ بۇ قېتىم كالىفورنىيەنىڭ كالى (Cali) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا 20 ياشتىن تۆۋەنلەر يىنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇقىدا يەنە بىر قېتىم كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيەلىك ھېچقايسى ماھىر دۇنيا 20 ياشتىن تۆۋەنلەر يىنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇقىدا نەتىجىگە ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر