ت ر ت سپور يۇۋېنتۇس-ئىنتېر مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ

يۇۋېنتۇس (Juventus) كوماندىسى بىلەن ئىنتېر (Inter) كوماندىسى رىم ئولىمپىك مەيدانىدا ئىتالىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ.

1824932
ت ر ت سپور يۇۋېنتۇس-ئىنتېر مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت سپور قانىلى ئەتە (11-ماي) ئەنقەرە ۋاقتى 22.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ماي 01.00 دە يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن ئىنتېر كوماندىسىنىڭ ئىتالىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.

ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان يۇۋېنتۇس كوماندىسى، ئىتالىيە لوڭقىسى بىلەن ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشماقتا.

يەتتە قېتىم ئىتالىيە چېمپىيونى بولغان ئىنتېر كوماندىسى بولسا، ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، لوڭقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلدى.

يۇۋېنتۇس بىلەن ئىنتېر بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئۈچ قېتىم مۇسابىقىگە چۈشتى. دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ بىرىنچى مۇسابىقىسىدە، نەتىجە 1-1 ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە، ئىنتېر كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇسنى مەغلۇب قىلدى.

ئىككى كوماندا ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدىمۇ ئۆزئارا رىقابەتلەشكەن بولۇپ، ئىنتېر كوماندىسى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر