گالاتاساراي بىلەن دىنامو كوماندىلىرى ئالاھىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزدى

گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دىنامو كىيېۋ كوماندىسى ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزدى.

1812820
گالاتاساراي بىلەن دىنامو كوماندىلىرى ئالاھىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل نەف تەنتەربىيە مەيدانىدا، گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دىنامو كىيېۋ كوماندىسى ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزدى. «تىنچلىق ئۈچۈن مۇسابىقە» شوئارى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئۇكرائىنا دىنامو كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە غەلبە قىلدى.

دىنامو كوماندىسىنىڭ ماھىرى بۇيالسكى مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندە، گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ، يەنە بىر ماھىر بېسېدىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر توپ، مۇسابىقە باشلانغىلى  80 مىنۇت بولغاندا تسيگانكو بىر توپ كىرگۈزدى.

گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ماھىرى بارىش ئالپەر مۇسابىقە باشلىنىپ 56 مىنۇت ئۆتكەندە دىنامو كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. مۇسابىقىنى ئۇكرائىنالىق نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى مەيداندىن كۆردى. دىنامو كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەيدانغا ئۇكرائىنا بايرىقى بىلەن كىردى.

تاماشىبىنلار مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا مەيداننى بىرلىكتە ئايلانغان ئىككى كوماندىغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

مۇسابىقە ئۈچۈن 6 مىڭ 726 بېلەت سېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر