تۈركىيە كوماندىسى ئەركىن كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈشتە مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرى سىلوۋېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقتا ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال ۋە ئىككى مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

1810502
تۈركىيە كوماندىسى ئەركىن كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈشتە مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سۇ ئۈزۈش فېدېراتسىيەسى ياش سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرىنىڭ سىلوۋېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ ماھىرى باتۇخان فىلىز 400 مېتىرغا ئەركىن سۇ ئۈزۈش تۈرىدە، 3 مىنۇت 54 سېكۇنت 61 دەقىقە نەتىجىسى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ئايال ماھىر مەرۋە تۇنجەل 400 مېتىرغا ئەركىن سۇ ئۈزۈش تۈرىدە، 4 مىنۇت 11 سېكۇنت 46 دەقىقە نەتىجىسى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

كائان كارا 50 مېتىرغا پاقىچىلاپ سۇ ئۈزۈش تۈرىدە، 28 سېكۇنت 52 دەقىقە نەتىجىسى بىلەن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

سانبەرك يىگىتئوكتار 200 مېتىرغا ئارىلاشما ئۈزۈش تۈرىدە، 2 مىنۇت 3 سېكۇنت 16 دەقىقە نەتىجىسى بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

ئەلاناز ئۆزدەمىر، نىسا گۈل سەردار، مەرۋە تۇنجەل ۋە مەرىچ دەمىرتەپە قاتارلىق ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندا 400 مېتىرغا ئەركىن كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈش تۈرىدە، 3 مىنۇت 51 سېكۇنت 93 دەقىقە نەتىجىسى بىلەن ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ مىس مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر