تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلماقتا
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى G گۇرۇپپىسىدىكى شاللاشتا، جەبىلتارىق ۋە قاراتاغ كوماندىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلماقتا.
1731838
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 13-نويابىر (2021) شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا جەبىلتارىق كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. 16-نويابىر سەيشەنبە كۈنى بولسا، قاراتاغدا قاراتاغ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
مۇسابىقىلەر 1-ت ر ت قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.