ئەردوغان ياشلار بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل ئۈمرانىيەدە ياشلار بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىدى.
1730000
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۈمرانىيە خەلق باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كېتىۋاتقاندا، ياشلارنىڭ ۋاسكېتبول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھەمراھ بولدى.