تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى بولدى

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى توكيو ئولىمپىكىنىڭ 10-كۈنىدە، B گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە رۇسىيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يەڭدى.

1684178
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيو ئولىمپىكىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىلىرىدە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، Bگۇرۇپپىدا ئۈچىنچى بولدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى بۈگۈن (2021-يىلى 2-ئاۋغۇست) ئاخىرلىشىدىغان گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدىن كېيىن جەزملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر