توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسناسىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 259 غا يەتتى
ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2020-يىلللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسناسىدا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 259 غا يەتتى.
1683580
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كومىتېتى، 2020-يىلللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيەگە كەلگەن يەنە 18 كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 18 كىشى ئارىسىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر ئورۇن ئالمىدى.
«كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانغۇچىلار كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.
شۇنىڭ بىلەن، 2020-يىلللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسناسىدا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 259 غا يەتتى.