دۇنيا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى ئونباشىنى ئەڭ ياخشى ماھىر دەپ باھالىدى

دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۈركىيە گىمناستىكا ماھىرى ئايشە بەگۈم ئونباشى دۇنيا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى (The World Games) تەرىپىدىن ئىيۇن ئېيىنىڭ ئەڭ ياخشى تەنتەربىيە ماھىرى بولۇپ تاللاندى.

1668178
دۇنيا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى ئونباشىنى ئەڭ ياخشى ماھىر دەپ باھالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى دۇنيا چېمپىيونى تۈركىيە گىمناستىكا ماھىرى ئايشە بەگۈم ئونباشىنىڭ «ئەڭ ياخشى تەنتەبىيە ماھىرى» بولۇپ باھالانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنىڭ باياناتىدا، ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋىياتسىيە گىمناستىكىسى دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا، ئاياللارنىڭ يەككە تۈر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئايشە بەگۈم ئونباشىنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئەڭ ياخشى تەنتەربىيە ماھىرى بولۇپ باھالانغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ماھىرىنىڭ ياشلار كاتېگورىيەسىدىمۇ دۇنيا ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تارىخى بارلىقى خاتىرىلىتىلگەن باياناتتا: «ئايشە گەرچە كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 60 تىن ئارتۇق مېدالغا ئېرىشتى، شۇڭا ئۇ ‹ مېدال ئالۋاستىسى› دېگەن نامغا ئېرىشتى» دېيىلدى.

19ياشلىق تۈركىيە ماھىرىنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9 سائەت چېنىقىپ، يۇقىرى شەكىلدىكى بەدەن گرافىكىدا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بىز ھازىردىن باشلاپلا 2022-يىللىق دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ دەپ جەزملەشتۈرگەن ئايشە بەگۈم ئونباشى ئۈلگە قىلىدىغان تەنتەربىيە ماھىرلىرى ئارىسىدا مارسېلا لوپېز ۋە ئارېلى جۇلى  بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر