تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى ۋاراشاۋادا زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرى سۈلەيمان ئاتلى پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، 57 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە، رۇسىيەلىك رەقىبى ناچين مونگۇش (Nachyn Mongush) نى يىڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1625434
تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى ۋاراشاۋادا زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى
Taha Akgül.jpg
Süleyman Karadeniz.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېلىشىش ماھىرى سۈلەيمان ئاتلى پولشا پايتەختى ۋاراشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، 57 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇكرائىنالىق ماھىر كامىل كەرىموۋنى 0 گە قارشى 11 نومۇر، يېرىم ھەل قىلغۇچتا بۇلغارىيەلىك تۈرك ماھىرى نائىم سالىممىكياينى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

سۈلەيمان ئاتلى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 20-ئاپرېل) كەچتىكى مۇسابىقىدە، رۇسىيەلىك ماھىر ناچين مونگۇش يەڭدى ۋە ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

97 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە، سۈلەيمان قارادېڭىز رۇسىيەلىك ماھىر جابرائىلوۋغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ماھىرى تاھا ئاكگۈل125 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇ دەسلەپكى مۇسابىقىسىدە گىرۇزىيەلىك گېنو پېترىياشۋىلى (Geno Petriashvili) نى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ئانچە كۈچىمەيلا يەڭدى. چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بولسا، پولشالىك كامىل توماسىزكوسجىيولېك (Kamil Tomasz Kosciolek)  نى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن يەڭدى. يېرىم ھەل قىلغۇچتا، بېلارۇسىيە ماھىرى دزىيانىس خرامىيانكوۋ (Dzianis Khramiankou) نى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

ئەمراھ ئورمانئوغلۇ 61 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە، ئىتالىيە ماھىرى سىمون ۋىنجېنزو پىروددۇ (Simone Vincenzo Piroddu) 1 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن يەڭدى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

ئەمراھ ئورمانئوغلۇ بۈگۈن (2021-يىلى 21-ئاپرېل) بۇلغارىيەلىك جورجى ۋالېنتىنوۋ ۋانگېلوۋ  (Georgi Valentinov Vangelov) بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ تۈركىيە ماھىرلىرىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر