تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى خەلقئارا ۋسكېتبول فېدېراتسىيەسى (FIBA) 2022-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقى D گۇرۇپپا 6- شاللاش مۇسابىقىسىدە، كىرودىيە كوماندىسىنى 78 گە قارشى 84 نومۇر بىلەن يەڭدى.

1588858
تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى خېلى بۇرۇنلا كاپالەت ئاستىغا ئالغان تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى، گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلدى. گۇرۇپپىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان كىرودىيە كوماندىسى ئىككىنچى قېتىم مەغلۇب بولغان بولدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن، گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. گوللاندىيە كوماندىسى بولسا، گۇرۇپپىدا ئىككىنچى رەتتىن ئالدى. شىۋېتسىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

كىرودىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدا، گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن تۈركىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر