2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چەكلىرى تارتىلدى

شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى (FIFA) شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چەكلىرى تارتىلدى.

1541869
2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چەكلىرى تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن توردا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چەك تارتىش پائالىيىتىگە سابىق پۇتبولچىلار دانىئېل دې روسسى (Daniele De Rossi) ۋە رافائىل ۋان دېر ۋارت (Rafael van der Vaart) قاتناشتى.

چەك تاشلاشتا، تۈركىيەG  گۇرۇپپىدا، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، قاراتاغ، لاتۋىيە ۋە جەبىلتارىق بىلەن بىر گۇرۇپپىدا بولدى.

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپادىكى شاللاش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇرۇپپىلار تۆۋەندىكىچە:

A گۇرۇپپا: پورتۇگالىيە، سېربىيە، ئىرېلاندىيە، لىيۇكسېمبۇرگ ، ئەزەربەيجان

B گۇرۇپپا: ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، گىرېتسىيە، گىرۇزىيە، كوسوۋۇ

Cگۇرۇپپا: ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە، شىمالىي ئىرېلاندىيە، بۇلغارىيە، لىتۋانىيە

Dگۇرۇپپا: فرانسىيە ، ئۇكرائىنا، فىنلاندىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، قازاقىستان

Eگۇرۇپپا: بېلگىيە، گاللېر، چېخىيە، بېلارۇسىيە، ئېستونىيە

Fگۇرۇپپا: دانىيە، ئاۋستىرىيە، شوتلاندىيە، ئىسرائىلىيە، فارو ئارىلى، مولدوۋا

Dگۇرۇپپا: گوللاندىيە، تۈركىيە ، نورۋېگىيە ، قاراتاغ ، لاتۋىيە ، جەبىلتارىق

Hگۇرۇپپا: كىرودىيە، سلوۋاكىيە ، روسىيە ، سلوۋېنىيە ، سىپرۇس ، مالتا

I گۇرۇپپا: ئەنگىلىيە ، پولشا ، ۋېنگىرىيە ، ئالبانىيە ، ئاندوررا ، سان مارىنو

J گۇرۇپپا: گېرمانىيە ، رۇمىنىيە ، ئىسلاندىيە ، شىمالىي ماكېدونىيە ، ئەرمېنىيە ، لىچتېنشتېين.

 ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا 55 دۆلەتنىڭ دۆلەت كوماندىلىرى قاتار ساھىبخانلىق قىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 13 كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ.

ياۋروپادىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، كوماندىلار ئالتە ۋە بەشتىن بولۇپ بەش گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. گۇرۇپپىلار ئۆز گۇرۇپپىسىدا، ئىچكى ۋە تاشقى رايونلاردا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىدۇ. گۇرۇپپىدىن چىققان ئالدىنقى 10 كوماندا 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

گۇرۇپپىلارنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى:

  1. مۇسابىقە: 2021-يىلى 24-25-مارت كۈنلىرى
  2. مۇسابىقە: 2021-يىلى 27-28-مارت كۈنلىرى
  3. مۇسابىقە: 2021-يىلى 30-31-مارت كۈنلىرى
  4. مۇسابىقە: 2021-يىلى 1-2-سېنتەبىر كۈنلىرى
  5. مۇسابىقە: 2021-يىلى 4-5-سېنتەبىر كۈنلىرى
  6. مۇسابىقە: 2021-يىلى 7-8-سېنتەبىر كۈنلىرى
  7. مۇسابىقە: 2021-يىلى 8-9-ئۆكتەبىر كۈنلىرى
  8. مۇسابىقە: 2021-يىلى 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە
  9. مۇسابىقە: 2021-يىلى 11-نويابىردىن 13-نويابىرغىچە

10-مۇسابىقە: 2021-يىلى 14-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە

شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى: 2022-يىلى 24-25-ۋە 28-29-مارت كۈنلىرى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر