تۈركىيە كوماندىسى بىلەن ۋېنگرىيە كوماندىسى بۈگۈن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) B بىرلەشمە 3-گۇرۇپپىدىكى ئالتىنچى ۋە ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە، بۈگۈن (2020-يىلى 18-نويابىر) ۋېنگرىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

1529735
تۈركىيە كوماندىسى بىلەن ۋېنگرىيە كوماندىسى بۈگۈن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 22 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، پۇسكاس تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلىنىدۇ. «TRT 1» قانىلى مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.

مۇسابىقىدە، سلوۋاكىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ رېپېرى ئىۋان كرۇزلىياك (Ivan Kruzliak) رېپېرلىق قىلىدۇ. توماس سومولانى (Tomas Somolani) بىلەن برانىسلاۋ خانكو (Branislav Hancko) ياردەمچى رېپېر بولىدۇ.

گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مۇسابىقىدە، رۇسىيە كوماندىسى بىلەن سېربىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا رۇسىيە كوماندىسى 8 نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، ئوخشاش نومۇر بىلەن ۋېنگرىيە كوماندىسى ئىككىنچى ئورۇندا، تۈركىيە 6 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ۋېنگرىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغاندا ۋە رۇسىيە كوماندىسى سېربىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويسا، گۇرۇپپىسىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر