توكيو ئولىمپىكىدا چەكلىك ساندا تاماشىبىنلار بولىدۇ

2021-يىلىغا كېچىكتۈرۈلگەن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

1529702
توكيو ئولىمپىكىدا چەكلىك ساندا تاماشىبىنلار بولىدۇ
Thomas Bach 2.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيوغا يېتىپ كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى توماس باچ (Thomas Bach) تەنھەرىكەتچىلەر تۇرىدىغان جايلار ۋە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى تەكشۈردى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر سايىسىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كىشىلەر سەھنىلەردىكى ئورۇنلارنىڭ تولۇق توشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق يەنە توققۇز ئاي بار. مۇۋاپىق ساندا تاماشىبىنلار بولىدۇ. ھازىرچە بۇ مۇۋاپىق ساننىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر