ياپونىيە ئولىمپىك يىغىنىنى كېلەر يازدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدە توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى كېلەر ياز ئۆتكۈزۈشتە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
1516289
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى سېنتەبىر) ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان سۇگا يوشىھىدە، پارلامېنتتا تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلىدى.
ئۇ ئىقتىسادتىن تاشقى سىياسەتكىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) دىن توكيو ئولىمپىكىغىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلار ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ 2021-يىلى يازغا كېچىكتۈرۈلگەن توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنسانىيەتنىڭ ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى كېلەر ياز ئۆتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.