تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) مۇسابىقىسىدە رۇسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ B گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچىنچى مۇسابىقىسىدە، رۇسىيە بىلەن 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ياخشى توپ ئوينىغان بولسىمۇ، غەلىبىنى قاچۇرۇپ قويغان تەرەپ بولۇپ قالدى.
28 – مىنۇتتا مىرانچۇكنىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن مۇسابىقىدە ئارقىدا قالغان تۈركىيە ماھىرلىرى، 62 – مىنۇتتا كەنان قاراماننىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈردى. رۇسىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى نومۇرىنى 7 گە، تۈركىيە كوماندىسى 2 گە چىقاردى. تۈركىيە ماھىرلىرىنىڭ ئىككى توپى ۋاراتا خادىسىغا تېگىپ قايتىپ كەلدى.
مۇسابىقىدە، ئوزان كاباك سېرىق كارت جازاسى يېدى.
تۈركىيە كوماندىسى 2020-يىلى 14-ئۆكتەبىر گۇرۇپپىدىكى تۆتىنچى مۇسابىقىسىنى سېربىيە كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.