ياز پەسىللىك ياشلىق ئولىمپىك يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

سېنېگالنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق ياز پەسىللىك ياشلىق ئولىمپىك يىغىنى 2026-يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1456111
ياز پەسىللىك ياشلىق ئولىمپىك يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىلى سېنېگالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياز پەسىللىك ياشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكي سال (Macky Sall) نىڭ، «2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياز پەسىللىك ياشلىق ئولىمپىكىنى 2026-يىلى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى» نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) خەتىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى تەسىرلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياز پەسىللىك ياشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى 2026-يىلى سېنېگال پايتەختى داكاردا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر