UEFA نىڭ مۇسابىقىلىرى كېچىكتۈرۈلدى
ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) 55 ئەزا دۆلەتنىڭ پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىلەن تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىردى.
1389713
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى بىلەن 55 ئەزا دۆلەتنىڭ پۇتبول فېدېراتسىيەلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىدا، 2021-2020 پۇتبول پەسلىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار ئېلىندى.
يىغىندا، 2020-ىيللىق ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقى ۋە 2020-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بارلىق مۇسابىقىلەر كېچىكتۈرۈلدى.
چېمپىيونلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلەر كېيىنكى قېتىملىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغىچە كېچىكتۈرۈلدى.