EURO 2020 نىڭ ئۈچ گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىلىرى بويىچە ئۈچ گۇرۇپپىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

1309079
EURO 2020 نىڭ ئۈچ گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبولىنىڭ دۆلەتلىك كوماندىلار سەۋىيەسىدىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۇسابىقىلىرىدىن «EURO 2020» نىڭ D، F ۋە J گۇرۇپپىلىرىدا شاللاش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

D گۇرۇپپىسىدا، ئىرېلاندىيە كوماندىسى بىلەن دانىيە كوماندىسى 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. دانىيە كوماندىسى 16 نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقتى. شىۋېيتسارىيە كوماندىسى جەبىلتارىق كوماندىسىنى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن يەڭدى ۋە 17 نومۇرغا ئېرىشىپ، گۇرۇپپىدىن چىقتى.

F گۇرۇپپىسىدا، ئىسپانىيە كوماندىسى رۇمېنىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭدى ۋە 26 نومۇرغا ئېرىشىپ، گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. شىۋېتسىيە كوماندىسى فائېرو تاقىم ئاراللىرى كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى ۋە 21 نومۇرغا ئېرىشىپ، گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى بولدى.

J گۇرۇپپىسىدا، ئىتالىيە كوماندىسى ئەرمېنىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 9 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، 30 نومۇرغا ئېرىشتى ۋە گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. گىرېتسىيە كوماندىسى فىنلاندىيە كوماندىسىغا 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. فىنلاندىيە كوماندىسى 18 نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر