تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى 2019-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا فىرانسىيە كوماندىسىنى يىڭىپ، 16 كوماندا ئىچىگە كىردى.

1260292
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى 2019-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ A گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، فىرانسىيە ئاياللار كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى ۋە نومۇرىنى 4 كە چىقاردى.

گۇرۇپپىسىدا 16 كوماندا ئىچىگە كىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى، گىرېتسىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3، فىنلاندىيەنى 2 گە قارشى 3 ۋە بۇلغارىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بۈگۈن (29-ئاۋغۇست) 19:30 دا ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىدا سېربىيە ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر