تۈركىيە چېلىشىش كوماندىسى غەلىبە بىلەن قايتتى

ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا كوماندىلار بويىچە ئىككىنچى بولغان تۈركىيە ئەركىن چېلىشىش كوماندىسى ئىستانبۇلغا قايتتى.

1181896
تۈركىيە چېلىشىش كوماندىسى غەلىبە بىلەن قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدا، ئاي يۇلتۇزلۇق كوماندا ئەزالىرىنى نۇرغۇن خەلق ئاممىسى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

ياۋروپا چېلىشىش چېمپيونلۇقىدا 125 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ 7-قېتىم ياۋروپا چىمپېيوبى بولغان تاھا ئاقگۈل: «كوماندىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. مەن 7-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدۇم، بۇ ئەركىن چېلىشىشتا تارىخىي رېكورت ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا چىمپېيونلۇقىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردۇق، بىراق ئالتە نومۇر پەرق بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا چېمپىيونلۇقى ئۈچۈن مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. 2020-يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدا، كوماندىمىزنىڭ تۆت ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر