شىمالىي كورېيەدە يىلنىڭ تۇنجى تەنتەربىيە كۈنى بايرىمى تەبرىكلەندى

شىمالىي كورېيەدە 2019 – يىللىق تەنتەربىيە بايرىمى كۈنى ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.

1125782
شىمالىي كورېيەدە يىلنىڭ تۇنجى تەنتەربىيە كۈنى بايرىمى تەبرىكلەندى
3.jpg
2.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پىيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

مىڭىلغان كىشى قاتناشقان ۋە شىمالىي كورېيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان بۇ كۈندە غەلىتە كۆرۈنۈشلەر ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  

كىم ئىلسۇڭ مەيدانىغا يىغىلغان كىشىلەر تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى، ئىسسىنىش ھەرىكىتى ۋە يۈگۈرۈش پائالىيىتى بىلەن باشلىدى.

ئاندىن گۇرۇپپىلار ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە نومۇر كۆرسەتتى.

بەزىلەر رېتىملىق گىمناستىك ئوينىسا، بەزىلەر چامباشچىلىق نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى، يەنە بەزىلەر ۋالىبول ئوينىدى.

شىمالىي كورېيەدە يىلنىڭ تۇنجى تەنتەربىيە كۈنى بايرىمى 1992يىلىدىن بۇيان ئۈلۈكسىز تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر