بەشىكتاش كوماندىسى نورۋېگىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ I گۇرۇپپىسىدىكى 5-مەيدان مۇسابىقىدە نورۋېگىيەنىڭ «Sarpsborg» كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

1097861
بەشىكتاش كوماندىسى نورۋېگىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى راشاد مۇھەممەد مۇسابىقە باشلىنىپ 47 سېكۇنت بولغاندا، بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن باشلىغان بولدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە بولسا، نورۋېگىيە كوماندىسىنىڭ توبىياس ھېيىنتز بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە نورۋېگىيە كوماندىسىنىڭ بېسىمى ۋە ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، باشقا بەشىكتاش كوماندىسى مەيداندا ئىدى. ئارقىمۇ ئارقا كەلگەن پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتقان بەشىكتاش كوماندىسى نورۋېگىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا 62-مىنۇتتا بىر توپ، ئارقىدىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. 90-مىنۇتتا يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بەشىكتاش كوماندىسى، 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن باشلانغان مۇسابىقىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجىگە چىقىرىپ، مۇسابىقىنى غەلىبە ئاخىرلاشتۇردى.

بەشىكتاش كوماندىسى بۇنىڭ بىلەن گۇرۇپپىسىدىكى نەتىجىسىنى 7 نومۇرغا چىقىرىپ، ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگە بولدى ۋە 32 كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر