UEFA نىڭ تۆتىنچى ھەپتىلىك مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى
ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىلىرىنىڭ تۆتىنچى ھەپتىسىدە، A B C D دەرىجىلەر بويىچە توققۇز مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادىكى ئىككى چوڭ كوماندا بىر-بىرىگە رەقىپ بولغان A دەرىجە 1-گۇرۇپپىدا فىرانسىيە كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى كرۇس جازا توپ تېپىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 1 گە چىقاردى.
فىرانسىيە كوماندىسى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 62-مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. فىرانسىيە كوماندىسى 80-مىنۇتتا قولغا كەلتۈرگەن جازا توپ پۇرستىدىن پايدىلىنىپ نەتىجىنى 1 گە قارشى 2 گە چىقاردى.
گېرمانىيە كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا ئۈچ مۇسابىقىدە 1 نومۇرغا ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
B دەرىجە 1-گۇرۇپپىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ساھىبخان كوماندا چېخىيە كوماندىسى ئۇكرائىنا كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.
B دەرىجە 4-گۇرۇپپىدا، ئىرېلاندىيە كوماندىسى گاللېر كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.
C دەرىجە 3-گۇرۇپپىدا، نورۋېگىيە كوماندىسى بۇلغارىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.
سىلوۋېنىيە كوماندىسى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم كوماندىسى 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.
D دەرىجە 1-گۇرۇپپىدا، قازاقىستان كوماندىسى ئاندوررا بەگلىكى كوماندىسىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
لىتۋانىيە كوماندىسى گىرۇزىيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.
D دەرىجە 4-گۇرۇپپىدا، ئەرمېنىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسىنى يەڭدى
جەبىلتارىق كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن لىچتېنشتېين بەگلىكى كوماندىسىنى يەڭدى.