بۈگۈن موسكۋادا 2 مەيدان كەسكىن رىقابەت ئۆتكۈزىلىدۇ
بۈگۈن پايتەخت موسكۋادا، سائەت 17:00 ۋە سائەت 21:00 دە، 2018 – يىللىق خەلقئارا پوتبول فېدېراتسىيەسى بىرلىكى «FIFA» نىڭ دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى داۋاملىشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018 – يىللىق خەلقئارا پوتبول فېدېراتسىيەسى بىرلىكى «FIFA» نىڭ دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ 16 - مەيدان رىقابىتى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقە بىلەن ئەتىمۇ داۋملىشىدۇ.
ئېچىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن پايتەخت موسكۋادىكى لۇزىنىكى تەنتەربىيە زالىدا بۈگۈنكى تۈنجى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۈگۈن سائەت 17:00 دە باشلىنىدىغان مۇسابىقىدە، رۇسىيە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىلىرى مەيدانغا چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ رۇسىيە لۇزىنىكى تەنتەربىيە زالىدا 2 – قېتىم رىقابەتكە چۈشكەن بولىدۇ.
رۇسىيە كوماندىسى لۇزىنىكى تەنتەربىيە زالىدا ئالدىنقى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاننى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.
ئىسپانىيە كوماندىسى موسكۋادا تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىغا چۈشكەن بولىدۇ.
ئىسپانىيە كوماندىسى ئىلگىرى سوچى، قازان ۋە كالېنىنگىرات شەھەرلىرىدە 3 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەن ئىدى.
دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ بۈگۈنكى 2 – مەيدان مۇسابىقىسى بولسا، كرودىيە بىلەن دانىيە ئوتتۇرىسىدا سائەت 21:00 دە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۈگۈنكى 2 – قېتىملىق مۇسابىقە نىزنىي نوۋگورود تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كرودىيە كوماندىسى ئىلگىرى 3 كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن جەمئىي 9 نومۇر ئېلىپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېڭشتەك تارىخقا ئىز قالدۇرغان غەلىبىسىنىمۇ نىزنىي نوۋگورود تەنتەربىيە زالىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.