بىرازىلىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقتى
2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ E گۇرۇپپىسىدا ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشتى.
1001639
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە كوماندىسى سېربىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، گۇرۇپپا بىرىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى. بىزاىلىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 36 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە 68 مىنۇت ئۆتكەندە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى ۋە گۇرۇپپىدا 7 نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرىنچىلىك بىلەن 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
بىرازىلىيە كوماندىسى 16 كوماندا ئىچىدە مېكسىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
سېربىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى.