تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ۋالىبول ۋە قول توپ كوماندىسى چېميىپون بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېميىپون بولغانلارنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى.

779953
تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ۋالىبول ۋە قول توپ كوماندىسى چېميىپون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: 2017 – يىللىق گاس – مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا دۆلەتلىك ئەرلەر ۋالىبول كوماندىمىز ئۇكرائىنانى 0 قارشى 3 نەتىجە بىلەن ۋە قول توپ كوماندىمىز رۇسىيەنى 26 گە قارشى 30 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولدى.

سامسۇندا ئۆتكۈزۈلگەن 23 – نۆۋەتلىك گاس – مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا ئەرلەر ۋالىبول كوماندىمىز ئۇكرائىنا بىلەن 1 - مەيداننى 22 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن تاماملىدى. 2 – مەيداندا بولسا، 21 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن ئۇكرائىنانى مەغلۇپ قىلدى.

3 مەيداننى چەپدەسلىك بىلەن باشلىغان دۆلەتلىك كوماندىمىز 23 كە قارشى 25 نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

ئەرلەر قول توپ كوماندىمىز بولسا، 1 – مەيداننى 11 گە قارشى 13 نەتىجە بىلەن تاماملىدى. ئاخىرىقى مەيداندا بولسا، 26 گە قارشى 30 نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2017 – يىللىق گاس – مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە گاس – مېيىپلار تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى باشلىقى ياقۇپ ئۈمىد كىھتىرگە تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلىك ئەرلەر ۋالىبول كوماندىمىز بىلەن دۆلەتلىك قول توپ كوماندىمىزنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر