شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇسابىقىسى

تۈركىيە پۇتبول دۇنياسى تېررورىزمغا قارشى يېگانە يۈرەك بولدى.

636200
شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇسابىقىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇتبول دۇنياسىدىكى چولپانلار شېھىتلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

شېھىتلەر ۋە غازىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھەمدە تېررورىزمنى لەنەتلەش پۇتبول مۇسابىقىسى جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىستانبۇلدىكى ۋودافون تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقە ھارپىسىدا شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، خەلقىمىزگە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك سىگنالى بەردى ھەمدە 10 – دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ۋودافون تەنتەربىيە زالى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، ئارقىدىنلا قەيسەرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، يېقىندا رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ئۇچرىغان خائىنلارچە سۇيىقەست ۋە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق توختالدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايتى قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، خۇدىنى ۋاە ئىنسانلىقىنى يوقاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرنى قەتل قىلىپ، دەرد – ئەلەم تارتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يېقىنقى بىر يېرىم يىلدا تېررورىزمغا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ شېھىتلەر ۋە غازىلار ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ساقچىلىرىمىز، ئەسكەرلىرىمىز ۋە يېزا مۇھاپىزەتچىلىرىمىز ئەزىز خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىدۇ. بىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىسا ھەرىكەت قىلالىساقلا، ئىرادىمىزنى بوشىتىپ قويمىساقلا، قېرىنداش بولالىساقلا تۈركىيەگە زىيان يەتكۈزۈشكە ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.»

كېيىنچە ئەردوغان پۇتبول ساھەسىگە بېرىپ، پۇتبولچىلار، ساقچىلار ۋە شېھىتلەرنىڭ بالا – چاقىلىرىدىن بىر – بىرلەپ ھال سورىدى.

تۈرك ۋە چەت ئەللىك چولپانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە  FIFA كاكارلىق تۈرك تىرېنېر جۈنەيت چاقىرنىڭ پۈشتەك چېلىشى بىلەن باشلاندى.

مۇسابىقىدە ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈلگەن ھامان بارلىق ماھىرلار بىلەن تىرېنېر جۈنەيت چاقىر مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرگە ھەربىيچە سالام بەردى.

مەنىلىك مۇسابىقىدە تۈرك پۇتبولچىلار چەت ئەللىك پۇتبولچىلارنى 3-4 يەڭدى.

مۇسابىقە جەريانىدا يىغىلغان ئىئانىلەر ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن شېھىت ئائىلىلىرى ۋە غازىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر