تۈركىيە ۋە رۇسىيە كوماندىلىرى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن رۇسىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە، ئانتاليادا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

563048
تۈركىيە ۋە رۇسىيە كوماندىلىرى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئانتاليادا رۇسىيە كوماندىسى بىلەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى، ئەمما دوستلۇق بىرىنچى بولدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆردى. ئۇ دوستلۇق مۇسابىقىسىنىڭ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئانتاليانىڭ بۇ دوستلۇق مۇسابىقىسىگە ئىنتايىن ياخشى ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ رۇسىيەدە تۈركىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېلىنغان تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر