پورتۇگالىيە ياۋروپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى

پورتۇگالىيە كوماندىسىنى 2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە كوماندىسىنى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، چىمپېيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

526973
پورتۇگالىيە ياۋروپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى كەسكىن رىقابەتلەشتى. مۇسابىقىنىڭ 90 مىنۇتلۇق قىسمى 0 – 0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە ئۇزارتىلىپ، 110 مىنۇت بولغاندا، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەدەر قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، پورتۇگالىيەنى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر