دۇنياغا داڭلىق مېيىپ يېنىك ئاتلىتىكا ماھىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۇنجى بولۇپ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە ئىشتىراك قىلغان جەنۇبىي ئافرىقىلىق مېيىپ يېنىك ئاتلىتىكا ماھىرى ئوسكار پىستورىيۇس قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

524745
دۇنياغا داڭلىق مېيىپ يېنىك ئاتلىتىكا ماھىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى بولۇپ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە ئىشتىراك قىلغان جەنۇبىي ئافرىقىلىق مېيىپ يېنىك ئاتلىتىكا ماھىرى ئوسكار پىستورىيۇس، سىڭلىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پرېرورىيا شەھىرىدە ئېچىلغان سوتتا سوتچى توكوزىلې ماسىپا، داڭلىق تەنھەرىكەتچىنى سىڭلىسى رىۋا ستېنكامپنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوتچى ماسىپا، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان پىستورىيوسقا كۈتۈلگەندىن ئاز جازا بېرىلىشىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان شۇنداقلا قايىل قىلارلىق شەرتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

سوتقا پىستورىيوس ۋە ستىنكامپنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

دېلونى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن سىتىنكامپنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئىپادىلىرىگە قۇلاق سېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر