ئەنگلىيەلىك مەستانىلەر بىلەن رۇسىيەلىك مەستانىلەر ئارىسىدا ئېغىر جېدەل چىقتى

ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن رۇسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى ئارىسىدا ئىككىنچى قېتىم قانلىق جېدەل چىقتى.

509100
ئەنگلىيەلىك مەستانىلەر بىلەن رۇسىيەلىك مەستانىلەر ئارىسىدا ئېغىر جېدەل چىقتى
ingiliz-rus taraftarlar arasında kavga.jpg
ingiliz-rus taraftarlar arasında taşkınlık.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 

2016 – يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مارسىلىيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنگلىيە – رۇسىيە كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىدە مەس بولۇپ قالغان ئىككى كوماندا مەستانىلىرى ئارىسىدا يەنە جېدەل چىقتى؛ مارسىلىيادىكى كونا پورت ساياھەت رايونىدا يۈز بەرگەن جېدەلدە ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 6 ئادەم يارىلاندى. ئېغىر يارىلانغان رۇسىيە پۇقراسىنىڭ يۈرەك كېلىسىنىڭ قوزغىلىپ قالغانلىقى، يارىلانغان ئەنگلىيەلىكنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ساقچىلار، 500 دىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىسىنىڭ جېدىلىنى ئايرىش ئۈچۈن يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى، جېدەلگە ئارىلاشقان ئالتە كىشىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئالدىنقى كۈنىمۇ مەزكۇر شەھەردە رۇسىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن ئەنگلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرى ئارىسىدا جېدەل چىقىپ، ساقچىلار مىڭبىر مۇشەققەتتە ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرغان ۋە بۇ دائىرىدە 9 كىشىنى سوراق قىلغانىدى.

فىرانسىيە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى پاترىك كاننېر، ئەنگلىيە – رۇسىيە مۇسابىقىسىگە چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ خەۋپلىك بەش مۇسابىقىسىنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر