ئەردوغان ۋودافون تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئېچىلىشىدا لېنتا كەستى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشىكتاش گىمناستىكا كۇلۇبىنىڭ«ۋودافون تەنتەربىيە مەيدانى» نىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىپ، لېنتا كەستى.

468960
ئەردوغان ۋودافون تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئېچىلىشىدا لېنتا كەستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 13 يىلدا 659 قېتىم خەلقئارالىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىپ، بۇ ساھەدىكى ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىستانبۇلدا بەشىكتاش گىمناستىكا كۇلۇبىنىڭ «ۋودافون تەنتەربىيە مەيدانى» نىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى.

ئۇ ئوخشىمىغان شەھەرلەردە يەنە 14 دانە تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىنى، توققۇز تەنتەربىيە مەيدانىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا جەھەتتىكى تەييارلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭمۇ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيەدىكى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر سانىنىڭ 278 مىڭدىن 6 مىليون 225 مىڭغا، تەنتەربىيە كۇلۇبى سانىنىڭ 6 مىڭدىن 14 مىڭغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرى ئۈچۈن تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە، مۇھىم مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەرزۇرۇمدىن ئانتالياغىچە، ترابزوندىن مەرسىنگىچە بولغان نۇرغۇن شەھەرلەردە خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈش جەھەتتە، مۇھىم تەجرىبە – ساۋاقلارنىڭ يەكۈنلىنىپ، نۇرغۇن ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر