ئەردوغان يېشىل مەيداندا فورما كىيدى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا باشاقشەھىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

72023
ئەردوغان يېشىل مەيداندا فورما كىيدى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا باشاقشەھىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.
ئەردوغان ئېچىلىشتا سۆز قىلىپ، «تەنتەربىيەگە سىياسەتنىڭ، ئىدىئولوگىيەنىڭ بولۇپمۇ كىرىمنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە تەنتەربىيەنى تەنتەربىيە سۈپىتىدە باشقۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.
باش مىنىستىر تەرىپىدىن يېڭى تەنتەربىيە زالىنىڭ ئىسمىنىڭ ‹باشاقشەھىر فاتىھ تەرىم تەنتەربىيە زالى› بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان كېچىدىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق بولسا، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ داڭلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە نومۇر كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە فورما كىيىشى بولدى؛ تۈركىيە پۇتبول تارىخىدا نام قالدۇرغان پۇتبولچىلار بىلەن سىياسەتچىلەر ۋە سەنئەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئارىلاش ئىككى كوماندىنىڭ مەخسۇس مۇسابىقىسىدە ئەردوغان، يىلدىرىم دەمىرئۆرەن، ئاجۇن ئىلىجالى ۋە رىدۋان دىلمەنگە ئوخشاش كىشىلەر بىر كوماندىدىن ئورۇن ئالدى.
يەنە بىر كوماندىدا بولسا، مەھمەت ئۆزدىلەك، يىلماز ئەردوغان، بەرات ئالبايراكقا ئوخشاش كىشىلەر ئورۇن ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر